Awazliq Kitap

ئاۋازلىق كىتاب

Veröffentlicht von: Abdullah karakas

Beschreibung

ئاۋازلىق كىتاب دېتالى ھەققىدە:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك كىتاب سۆيەر قېرىندىشىم!
ئاۋازلىق كىتاب دېتالىنىڭ يېڭى نەشرىنى چۈشۈرگىنىڭىز ئۈچۈن سىزنى تەبرىكلەيمىز ۋە ياقتۇرۇپ پايدىلىنىشىڭىزغا تىلەكداشمىز.
دېتالنىڭ بۇ نەشرىدە دېتالنىڭ كۆرۈنۈشى ئەلالاشتۇرۇلغاندىن سىرت بۇرۇنقىسىدا مەۋجۇت بولغان بىر قىسىم تېخنىك خاتالىقلار تۈزىتىلدى ۋە چۈشۈرۈش سۇپىسى ئەلالاشتۇرۇلدى.
سىز بۇ دېتال ئارقىلىق ئۇيغۇر كىتابخانلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن داڭلىق تارىخى رومان، نەسر، ھېكايە-چۆچەك، مەسەل ۋە تەرجىمىھال ساھەسىدە قەلەمگە ئېلىنغان ئەمما ئاساسلىقى تارىخى روماندىن ئىبارەت بولغان 50 دىن ئارتۇق ئەسەرنىڭ ئاۋازلىق ھۆججىتىنى ئاڭلىيالايسىز.
خالىسىڭىز تور بار جايدا يانفونىڭىزغا ساقلىۋېلىپ تور بولمىغان جايلاردىمۇ ئاڭلىيالايسىز.
ئاللاھ خالىسا مەزكۇر دېتال داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. ناۋادا دېتالنى ياقتۇرغان بولسىڭىز باشقا قېرىنداشلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىشنى ئۇنتۇماسلىقىڭىزنى ئۆتۈنىمىز. چۈنكى ياقتۇرغانلىرىمىزنى دوست-يارەنلىرىمىزغا تەۋسىيە قىلىش ۋە ھەمبەھىرلەش ئالى جانابلىقنىڭ ئەڭ ئەقەللى نىشانىسى ھېسابلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش:
- مەزكۇر دېتال ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئوقۇپ بولغان ياكى ئوقۇيالمىغان كىتابلىرىنى ئاڭلاش ئارقىلىق پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەييارلىنىپ ھەقسىز تارقىتىلدى.
- بۇ دېتالدىكى ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى توردىن چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، نەشر ھوقۇقى نەشر قىلغان ئورۇنغا ئائىت.
- مۇمكىن قەدەر كىتابلارنىڭ بېسىلغان نۇسخىلىرىنى مۇناسىۋەتلىك كىتابخانىلاردىن سېتىۋېلىپ ئوقۇشىڭىزنى ۋە ساقلاپ قويۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز، چۈنكى سىزگىمۇ مەلۇم بولغىنىدەك كىتابنىڭ بېسىلغان نۇسخىسىنى ئوقۇش ۋە مۇھىم جايلىرىنى سىزىپ، خاتىرە تۇتۇپ ئوقۇشنىڭ ھۇزۇرى ۋە پايدىسى ئۆزگىچە.
- بۇ دېتالدىكى ئەسەرلەرنى چۈشۈرۈپ، جۇغلاپ ھەقلىق تارقىتىشقا قەتئىي بولمايدۇ.
- بىر ئەسەرنىڭ بۇ دېتالغا كىرگۈزۈلگەن بولۇشى مەزكۇر ئەسەرنىڭ مەزمۇنىغا تولۇق قوشۇلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرمەيدۇ.
- دېتالغا كىرگۈزۈلگەن ئەسەرگە ئالاقىدار پىكرى بار قېرىنداشلارنىڭ تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىشىغا تىلەكداشمىز؛
- ئا- پىكرىڭىز ئەسەرنىڭ مەزمۇنىغا ئالاقىدار بولسا، ئاپتورى بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
- ب- ئەگەر سىز ئەسەرنىڭ نەشىر ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، ئەسەرنىڭ بۇ دېتالدا تارقىتىلىشىنى خالىمىسىڭىز بۇنى [email protected] ئىلخەت ئادرېسى ئارقىلىق بىزگە مەلۇم قىلسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەزكۇر ئەسەرنى دېتالدىن چىقىرىۋېتىشكە تىرىشىمىز. (شۇنداقتىمۇ بۇ دېتال ئارقىلىق ئادەتتە ئەسىرىڭىزنى سېتىۋالغان ياكى سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان قېرىنداشلىرىڭىزنىڭمۇ ئەسرىڭىزدىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېگە بولىدىغانلىقىنى ئېسىڭىزدىن چىقارمىغايسىز.)
- دېتالغا ئالاقىدار تەكلىپ – پىكرىڭىز بولسا [email protected] ئىلخەت ئادرېسى ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
- ناۋادا قولىڭىزدا ئۇيغۇر خەلقىگە پايدىلىق ئىلمى، تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ۋە سۈپەتلىك ئاۋازلىق ئەسەر بولسا يۇقىرىدىكى ئىلخەت ئادرېسى ئارقىلىق بىزگە يوللاپ بەرسىڭىز، (دېتال ياسىغۇچىلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى شەرتى بىلەن) خەلقىمىزنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن دېتالغا قوشۇپ قويىمىز.
- ئاخىرىدا تېنىڭىزگە سالامەتچىلىك، كۆڭلىڭىزگە خاتىرجەملىك، ئائىلىڭىزگە بەخت - سائادەت، ئەۋلادلىرىڭىزغا ئىمان – ۋىجدان ۋە گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەت بىلەن يۇغۇرۇلغان بىر ھايات، خەلقىمىزگە شانلىق كېلەچەك تىلەيمىز.
- ھۆرمەت بىلەن ئۇيغۇر ئاۋازلىق كىتاب دېتالى تەييارلاش گۇرۇپپىسى.2017.08.25

Dear Brother and Sister,
This app containing free audio books has been prepared for the use of Uighur brothers and sisters who are not able to read them. You can listen to about 50 audio books via installing the app to your smart phone online or downloading them to your smart phone offline.
Reminder: The audio books have been simply downloaded from various websites; and the copy right of them belongs to the publisher. Therefore, the audio books can’t be used for commercial purposes. We are not responsible for and may not necessarily agree with the contents of the audio books; any comment on the contents of the audio books needs to be directed to the author. If you hold the copy right of any of the audio books and you don’t want them to be distributed within this app, please write to [email protected]. Any comments or suggestions are welcome to the same e-mail. We kindly ask you to help us to realize useful works like this via donating or praying.
Ausblenden Mehr anzeigen...

Screenshots

Awazliq Kitap Häufige Fragen

  • Ist Awazliq Kitap kostenlos?

    Ja, Awazliq Kitap ist komplett kostenlos und enthält keine In-App-Käufe oder Abonnements.

  • Ist Awazliq Kitap seriös?

    🤔 Die Awazliq Kitap-App scheint anständig zu sein. Es gibt Raum für Verbesserungen, aber im Allgemeinen sind die Nutzer zufrieden.

    Danke für die Stimme

  • Wie viel kostet Awazliq Kitap?

    Awazliq Kitap ist kostenlos.

  • Wie hoch ist der Umsatz von Awazliq Kitap?

    Um geschätzte Einnahmen der Awazliq Kitap-App und weitere AppStore-Einblicke zu erhalten, können Sie sich bei der AppTail Mobile Analytics Platform anmelden.

Benutzerbewertung
Die App ist in Spanien noch nicht bewertet.
Bewertungsverlauf

Awazliq Kitap Bewertungen

كىتاپ

مىل on

Türkei

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،بۇ ئەپ بەك ياخشى ئىشلىنىپتۇ ،يەنە داۋاملىق كىتاپلارنى يوللاپ تۇرساڭلار ، كىتاپنىڭ سۈپىتى ياخشىكەن .

ئىچىلمايدىغۇ نىمىشبولدى

awazlik kitap on

Türkei

ئ

باھادىرنامە-6

ساداقەت on

Türkei

باھادىرنامە ئەسىرىنىڭ 6- كىتاپ قىسىملىرىغا باھادىرنامە 5- كىتاپنىڭ قىسىملىرى يوللۇنۇپ قالغان ئوخشايدۇ .«بەزى ئەسەرلەردە ئاۋاز غىژ غىژ چىقىۋالسا قۇلاقلىق تاقاپ ئاڭلاپ بېقىڭلا ، بەزى ئەسەرلەر قۇلاقلىق تاقىغاندىن كىيىن ئاۋازى نورمال چىقىدىكەن سىمسىز قۇلاقلى تاقىغاندا بىر تەرەپنىڭ توكى قاممىسا يەنە ئاشۇندا غىژ غىژ چىقىۋالىدىكەن »سىناپ بېقىڭلا .

تەلەپ

كىتاپخۇمار on

Türkei

خالىدە ئىسرائىلنىڭ «كەچمىش » رومانىنىڭ داۋامى يوقمۇ ؟،

ئېچىلمىدى

ئوقۇغۇچى on

Türkei

يىڭى ئالغان تېلىفۇنۇمغا ئەپنى چۈشۈرگەن ئىدىم ، ئەمما ئېچىلمىدى .

چۈشۈرۈلگەن كىتاپلار مەسىلىسى

MURAT0097 on

Türkei

چۈشۈرۈلگەن كىتاپلار تورسىز ھالەتتە چىقمايدىكەن ، بۇ مەسىلىنى تۈزىتىۋىلىشىڭلارنى سورايمەن

İstek

nxnxnxncnncjc on

Türkei

Assalamu alaykum awazlik eserleni tilfunning iqiga quxurgili bolsa tehimu yahxi bulatti

ئاۋاز مەسىلىسى بار

Fghiudweipgsshjbczh on

Türkei

كىتابلارنىڭ تۈرى سەرخىل ئىكەن، شۇنداق ياقتۇردۇم، لېكىن مۇشۇ «باھادىر نامە »نىڭ2-تومىدىن باشلاپ ئاۋاز كەتتىلا يوق ئىكەن. مۇمكىن بولسا بۇ مەسىلىنى تۈزۈتۈپ كويساڭلا ناھايىتى ياخشى بولىتتى.

تەكلىپ

ئاڭلىغۇچى on

Türkei

بۇ ئەپ بەك ياخشى مەن سۆيۈپ تۇرۇپ ئاڭلايمەن ئەمما بىر تەكلىپىم كىتاپلارنىڭ تۈرىنى جىقايتقان بولساڭلار ياخشى بولاتتى ..

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئابدۇللاھ قېرىندىشىم.

Legacy hastası on

Türkei

قىلىۋاتقان مىننەتسىز مىھنەتلىرىڭلاردىن ئاللاھ رازى بولسۇن. بىھىساپ ئەجىر بەرسۇن. ئانا يۇرت رومانىنىڭ ئاۋازى گىژ گىژدىن باشقا نەرسە يوق. قاراپ باقساڭلار.

Store-Rankings

Ranking-Verlauf
App-Ranking-Verlauf noch nicht verfügbar
Kategorien-Rankings
Diagramm
Kategorie
Rang
Top Kostenlos
364

Awazliq Kitap Installationen

Letzte 30 Tage

Awazliq Kitap Umsatz

Letzte 30 Tage

Awazliq Kitap Einnahmen und Downloads

Gewinnen Sie wertvolle Einblicke in die Leistung von Awazliq Kitap mit unserer Analytik.
Melden Sie sich jetzt an, um Zugriff auf Downloads, Einnahmen und mehr zu erhalten.